«پەنچە-قۇلۇپ» ھەرىكىتىدە يارىلانغان بىر ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە-قۇلۇپ» ھەرىكىتىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى سەۋەبىدىن يارىلانغان ۋە بالنېستقا ئېلىنغان بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
1912105

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «پەنچە-قۇلۇپ» ھەرىكىتى رايونىدا تۈنۈگۈن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى سەۋەبىدىن يارىلانغان ۋە بالنېستقا ئېلىنغان پىيادە ئەسكەر سېرژانت خەلىل ئىبراھىم يىگىتنىڭ بارلىق قۇتقۇزۇش تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي دوختۇرخانىدا شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.