چاۋۇشئوغلۇ: شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتو ئەزالىقى مۇساپىسى ئىجابىي ئىلگىرىلەۋاتىدۇ

چاۋۇشئوغلۇ شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى رامكىسىدا بېسىلغان قەدەملەر ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ مۇساپە ئىجابىي يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، ئەمما تېخى تاشلىنىشى كېرەك بولغان قەدەملەر بار» دېدى.

1912196
چاۋۇشئوغلۇ: شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتو ئەزالىقى مۇساپىسى ئىجابىي ئىلگىرىلەۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان تۈركمەنىستان مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىد مەرەدوۋ بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى ئۈچۈن ئىيۇن ئېيىدا (2022) ئىسپانىيەدە ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«رۇمېنىيە پايتەختى بۇخارېستتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا كۆپ ساندا ئايرىم ئۇچرىشىشلار ئكتكۈزۈلىدۇ. مەسىلەن، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جېيمېس كلېۋېرلى بىلەن كۆرۈشىمىز. شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەنمۇ بىريۇسسېلدا ئۈچ تەرەپ رامكىسىدا كۆرۈشىمىز. كېلىشىمنىڭ بەزى ماددىلىرى ئورۇندالدى، بەزى ماددىلىرى تۇرۇۋاتىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بەزى كونكرېت قەدەملەر بېسىلمىدى. تېررورىستلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ۋە قانۇنغا ئۆزگەرتىشكە مۇناسىۋەتلىك كونكرېت تەلەپلەر ئورۇندالمىدى. پارلامنېتىمىز ۋە خەلقىمىز قايىل بولۇشى كېرەك. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ شىۋېتسىيە باش مىنىسرىغا بۇ ھەقتە تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى. يىغىنچاقلىغاندا، مۇساپە ئىجابىي ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، ئەمما يەنە قىلىنىدىغان ئىشلار بار.»

ئۇ ئاخىرىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ شەرتلەرنى ئورۇندىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «فىنلاندىيە تەرەپتە مەسىلىلەر ئانچە ئېغىر ئەمەس، شىۋېتسىيە بىلەن مەسىلىلىرىمىز كۆپىرەك. ئېنىق ئېيتقاندا، تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي قەدەم تاشلىشى كېرەك بولغان دۆلەت شىۋېتسىيە» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر