ئىراقتا ئوغرىلانغان 2 مىليارد 500 مىليون دوللارنىڭ بىر قىسمى دۆلەتكە قايتۇرۇلدى

ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانى مەلۇم مەزگىل ئىلگىرى دۆلەت بانكىسىدىن ئوغرىلانغان 2 مىليارد 500 مىليون دوللارنىڭ بىر قىسمىنىڭ دۆلەتكە قايتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1911642
ئىراقتا ئوغرىلانغان 2 مىليارد 500 مىليون دوللارنىڭ بىر قىسمى دۆلەتكە قايتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدانى پايتەخت باغداتتا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارغا قايتۇرۇلغان پۇللارنى كۆرسەتتى.

سۇدانى، «تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالاقىدار كومىتىتلار ئوغرىلانغان پۇلدىن 182 مىليارد دىنارنىڭ (يەنى 124 مىليون 600 مىڭ دوللار) نىڭ قايتۇرۇلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى ۋە  بۇ ئوغرىلىققا بەزى دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

سۇدانى ھازىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان نۇر زۇھەيىرنىڭ ئوغرىلىغان پۇللارنىڭ ھەممىنى قايتۇرۇشى ئۈچۈن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئۇ پۇلنىڭ ھەممىنى قايتۇرغانغا قەدەر بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىراق باش مىنىستىرى ئوغرىلانغان بارلىق پۇللار قايتۇرۇلغاندىن كېيىن زۇھەيىرنىڭ سوتىنىڭ داۋاملىشدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىراقتا 16 - ئۆكتەبىردە باج ئىدارىسىغا تەۋە 2 مىليارد 500 مىليون دوللار ئامانەت پۇل، دۆلەت بانكىسىدىن ئوغرىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر