ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەرىكەتتە يەنە بىر ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە يارىلانغان بىر ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى.

1911452
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەرىكەتتە يەنە بىر ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، پەنچە قۇلۇپ ھەرىكىتى رايونىدا، 2022 - يىلى 26 – نويابىردا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى تەرىپىدىن ئېتىلغان ئوقتا يارىلانغان ۋە بالنېستقا ئېلىنغان بىر نەپەر ئەسكەرنىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، شۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا 2 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

شۇنداق قىلىپ ئىراقتا شېھىت بولغان ئەسكەرلىرىمىزنىڭ سانى 3 كە چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر