ئوقتاي، تۈركىيە - مىسىر مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش سۆھبەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوقتاي، تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش سۆھبەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1911342
ئوقتاي، تۈركىيە - مىسىر مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش سۆھبەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوقتاي، تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش سۆھبەتلىرىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئىرادىسى، ئۆزئارا مەنپەئەتلىرى ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فۇئات ئوقتاي تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (پارلامېنتى)دا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ھەمكارلىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان پوزىتسىيەنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردە يېڭى بىر دەۋرنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

«مىسىر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش سۆھبەتلىرىمىز ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئىرادىسى، ئۆزئارا مەنپەئەتلىرى ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا داۋام  قىلماقتا» دېگەن ئوقتاي، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ مەنپەئىتى نېمىنى تەقەززا قىلسا، شۇ ئىشلارنى قىلدۇق ۋە قىلىمىز. ئەزەربەيجاننىڭ ۋەتەن ئۇرۇشىغا ئەڭ كۈچلۈك تۆھپە قوشقاندىن كېيىن، رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئەرمېنىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئەزەربەيجان بىلەن بىرلىكتە قانداق قوللىغان بولساق، سۆھبەت ئۈستىلى ۋە ئەمەلىي مەيدانلاردىمۇ قايسى يول خەلقىمىزگە پايدىلىق بولسا، شۇ تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر