ئاقار پاكسىتان دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى نىيازىنى قوبۇل قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ئادمىرال مۇھەممەد ئامجاد خان نىيازنى قوبۇل قىلدى.

1911306
ئاقار پاكسىتان دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى نىيازىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئاقار، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىفمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىستانبۇل ھەربىي پاراخوت زاۋۇتى قوماندانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «پاكىستان مىلگەم (مىللىي پاراخوت) تۈرى» دائىرىسىدە ياسالغان ئۈچىنچى پاراخوتنى دېڭىزغا چۈشۈرۈش مۇراسىمىدىن كېيىن قوماندانلىق بىناسىغا بېرىپ، پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى ئادمىرال نىياز بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشقا تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلە، دېڭىز ئارمىي قوماندانى ئادمىرال ئەرجۈمەنت تاتلىئوغلۇ ۋە مۇئاۋىن مىنىستىر مۇھسىن دەمىرمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر