تۈركىيە - فىنلاندىيە - شىۋېتسىيە ئۈچ تەرەپ ئورتاق مېخانىزمى يىغىنى ستوكھولمدا چاقىرىلدى

تۈركىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئىمزالىغان ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىگە ئاساسەن قۇرۇلغان ئورتاق مېخانىزىمنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى 25 - نويابىر شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلدى.

1911377
تۈركىيە - فىنلاندىيە - شىۋېتسىيە ئۈچ تەرەپ ئورتاق مېخانىزمى يىغىنى ستوكھولمدا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى، باش ئەلچى ئىبراھىم قالىن بىلەن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال  رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە ھەيئىتى، ئەدلىيە، تاشقى ئىشلار، ئىچكى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى بىلەن مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپتى.

شىۋېتسىيە ھەيئىتىگە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىدىن باش ئەلچى ئوسكار ستېنسترۆم ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى يان كنۇتسون رىياسەتچىلىك قىلدى.

فىنلاندىيە ھەيئىتىگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جۇككا سالوۋارا بىلەن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ تاشقى ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى باش دىرېكتورى دوكتور پېترى خاككارايىنېن رىياسەتچىلىك قىلدى.

تاشقى ئىشلار، ئەدلىيە مىنىستىرلىقلىرى، خەۋپسىزلىك، بىخەتەرلىك ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ۋەزىپە ئۆتەيدىغان دائىمىي ئورتاق مېخانىزىمنىڭ مەقسىتى، ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىدىكى ۋەدىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش. مىنىستىرلىقلار بىلەن ھەر قايسى ئورگانلار ئوتتۇرىسىدىكى دائىمىي ئورتاق مېخانىزىمغا مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قارار قىلىنغان يىغىندا، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ كېلىشىمگە ئاساسەن باسقان قەدەملىرىنىڭ قارشى ئېلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تەرەپلەر كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

تۈركىيە 28-ئىيۇن ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا،ناتوغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغان فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلغان ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللايدىغان مەزكۇر ئىككى دۆلەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغانىدى؛ ئەنقەرە نۆۋەتتە كېلىشىمدە ۋەدە قىلىنغان قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنى كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر