شېھىتلەرنىڭ قېنى يەردە قالمىدى؛ شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى يەتتە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1911372

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «شېھىتلىرىمىز، خەلقىمىز ۋە بۇ ئەزىز ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ھاردىم – تالدىم دېمەستىن كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. قەھرىمان تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بايقىغان يەتتە تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
تېررورچىلارنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكىدىكى <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا سادىر قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۈچ ئەسكەر شېھىت بولغانىدى.