ئەردوغان مالايشىيا باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1910804
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئەنۋەر ئىبراھىم رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە پارتىيەلەرنىڭ سايلام زەپىرى ۋە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنۋەر ئىبراھىمنى تەبرىكلىگەن. شۇنداقلا، تۈركىيە – مالايشىيا ئوتتۇرىسىدىكى زىچ ھەمكارلىقنىڭ يېڭى باسقۇچتىمۇ ئۆزئارا ئىشەنچ ئاساسىدا تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.