ئالتۇن: تېررورلۇق تەشۋىقاتىنىڭ ئەركىنلىكى بولمايدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىگە قارىتا تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1910578
ئالتۇن: تېررورلۇق تەشۋىقاتىنىڭ ئەركىنلىكى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن، پايتەخت ئەنقەرەگە جايلاشقان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىدا، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇچۇر جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن «دىگىتال ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇنبىرى» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «يالغانچىلىقنىڭ، تېررورلۇق تەشۋىقاتىنىڭ، نەپرەتلىك باياناتلارنىڭ ۋە سىستېمىلىق تەتۈر تەشۋىقاتنىڭ ئەركىنلىكى بولمايدۇ. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەقىقىي رەۋىشتە دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ كاپالىتىدۇر. بۇنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى خەۋەردۇر، ئۇچۇردۇر.»

ئۇ يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقانلارغا قارشى كەسكىن كۈرەش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر