ئەردوغان ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلىدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 24 – نويابىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلىدى.
1910644
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، 24 – نويابىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بالىلىرىمىزنى بىلىم، تەجرىبە ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، كەلگۈسىگە تەييارلايدىغان، كۆڭۈل، ئەقىل ۋە روھىي دۇنيامىزنى يورۇتىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ 24-نويابىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن.»