چاۋۇشئوغلۇ فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا ھائاۋىستو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1910571
چاۋۇشئوغلۇ فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئىستىراتېگىيەسى، ئۇكرائىنادىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئاشلىق كېلىشىمى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

چاۋۇشئوغلۇ، فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا ھائاۋىستوغا، تۈركىيەنىڭ ««پەنجە – قىلىچ» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدىكى تېررورىزمغا قارشى  كۈرىشىنىڭ قەتئىي داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر