تۈركىيە ھىندونېزىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.

1909169
تۈركىيە ھىندونېزىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە كۆپ ساندا كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ھىندونېزىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە چىن دىلىمىزدىن تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

ھىندونېزىيەنىڭ سىرانجاڭ شەھىرىنىڭ 18 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىدا، 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن 5.6 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەشتە 162 ئادەم قازا قىلغان، يۈزلەرچە كىشى يارىلانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر