ئەردوغان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىدىن بېشارەت بەردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراق بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان «پەنچە-قىلىچ ھاۋا ھەرىكىتى» نىڭ ھاۋا ھەرىكىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1908973
ئەردوغان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىدىن بېشارەت بەردى
erdoğan uçak.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتار زىيارىتىدىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىش سەپىرىدە، ئايروپىلاندا كۈنتەرتىپكە مۇماسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئىراق بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان «پەنچە-قىلىچ ھاۋا ھەرىكىتى» ئۈستىدە توختىلىپ: «ھەر دائىم دېگىنىمدەك، <بىر كېچە ئۇشتۇمتۇت باستۇرۇپ بارىمىز> دېگەن گەپنى بىكارغا دېمەيمىز. مانا كۈتكەن، پىلان قىلغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەن ھامان بۇ قەدەملەرنى باستۇق. تۈنۈگۈن كېچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ھەربىي ھەرىكەت بۇنىڭ تولۇق ئىسپاتى» دېدى.

ئۇ «پەنچە-قىلىچ ھاۋا ھەرىكىتى» نىڭ ھاۋا ھەرىكىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىز ۋە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىمىز بىرلىكتە قارار قىلىدۇ. مۇزاكىرەلەردىن كېيىن، شۇنىڭغا قارىتا قەدەم تاشلايمىز» دېدى.

ئۇ مەزكۇر ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«ئەمما، بىزنىڭ مەزكۇر رايوندا بۇ خىل ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى پىرېزىدېنت بايدىن ۋە پۇتىن بىلىدۇ. بىز ھەر دائىم <بىر كېچە ئۇشتۇمتۇت باستۇرۇپ بارىمىز> دەپ كېلىۋاتىمىز. بىز بىرسىدىن ئىجازەت ئالمايمىز. بىر ئىشنى قىلماقچى بولساق، قارار قىلىمىز ۋە شۇ بويىچە قىلىمىز. بۇنىڭدا ئامېرىكا بىزنى بىلىشى كېرەك. بەلكىم بىلىشى مۇمكىن. ئىنشائاللاھ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپىدە، تېخىمۇ چوڭ قەدەملەرنى قەتئىيلىك بىلەن قانداق تاشلايدىغانلىقمىزنى ھەم تاشلىشىمىز كېرەكلىكىنى ھەممىسى كۆرىدۇ.»  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر