ئەردوغان قاتار ئەمىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن پايتەخت دوھادا زىيارەتتە بولىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھامىد ئەل سانىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 2022 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.
1908304
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قاتار ئەمىرى ئەل سانىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 2022 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بۈگۈن پايتەخت دوھادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.