ئەردوغان پەلەستىنگە تەزىيە بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، غەززەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان جەبالىيە مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بىر بىنادا يۈز بېرىپ، 21 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوت ئاپىتى سەۋەبلىك پەلەستىن خەلقىدىن ھال سورىدى.

1908062
ئەردوغان پەلەستىنگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «غەززەدە مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتىدە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 پەلەستىنلىك قېرىندىشىمىزنىڭ ۋاپات بولۇشى بىزنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى. بۇ قايغۇلۇق ھادىسىدە قازا قىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھىم - شەپقەت، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر-تاقەت، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمەن. قېرىنداش پەلەستىن خەلقىدىن ھال سورايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر