تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تۈركىيە ئىچى - سىرتىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىش كۈرىشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا.

1907413
تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا
harekat operasyon.jpg
teror silah muhimmat patlayici bomba.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «تېررورچىلارغا نىسبەتەن نە ئىراقنىڭ، نە سۈرىيەنىڭ شىمالى بىخەتەر ئەمەس. ئىراقنىڭ شىمالىدا غەلىبىلىك داۋام قىلىۋاتقان <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورنى مەنبەسىدە تۇرغۇزۇپ يوقتىىش ئىرادىمىز قەتئىي» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىپ تاشلاش، قىشلىق پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنى ئېنىقلاش، ئىلگىرىكى يىللاردا ئىشلەتكەن ئۆڭكۈر ۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنى بىتچىت قىلىش بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە شىرناق ۋىلايىتىدە «ئەرەن مۇھاسىرە قىش – 14 زەربە بېرىش ھەرىكىتى» باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر