ئەردوغان پىرېزىدېنت ماكرون ۋە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

1906735
ئەردوغان پىرېزىدېنت ماكرون ۋە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
Giorgia Meloni-Erdogan.jpg
suudi prens selman-erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

رەھبەرلەرنىڭ كۆرۈشۈشلىرى ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئەمەلگە ئاشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون كۆرۈشۈشتە ئىستانبۇل ئىستىقلال كوچىسىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەن.

تۈركىيە-فىرانسىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايون مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان كۆرۈشۈشتە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سودىدىن باشقا، مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرىدىمۇ ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئاشلىق كارىدورىنىڭ زور تىرىشچانلىقلاردىن كېيىن قايتىدىن خىزمەت بېرىشنى باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كېلىشىمنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنە، ئىتالىيە باش مىنىستىرى جورجىيا مېلونى بىلەنمۇ ئايرىم كۆرۈشتى. كۆرۈشۈش ئوخشاشلا ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئەمەلگە ئاشتى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر