ئەردوغان بالىدا پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن G20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنى جەريانىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشتى.

1906732
ئەردوغان بالىدا پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن كۆرۈشتى
Erdoğan Biden G-20.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بالىدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشى ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئەمەلگە ئاشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، كۆرۈشۈشتە سودا ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

پىرېزىدېنت جو بايدىن كۆرۈشۈشتە، ئىستانبۇل ئىستىقلال كوچىسىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان كۆرۈشۈشتە، پىرېزىدېنت بايدىن ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئاشلىق كارىدورىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە ئاشلىق توشۇشنى قايتىدىن باشلاشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان تىرىشچانلىقلىرى سەۋەبىدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ ئامېرىكا-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى «F-16» مۇساپىسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىدە تۈركىيەنىڭ مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاقساراينىڭ ئەردوغا-بايدىن ئۇچرىشىشى توغرىسىدىكى باياناتلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، كۆرۈشۈشتە ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى، رايون ۋە دۇنيا مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

پىرېزىدېنت بايدىن ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى جەريانىدا ئىمزالانغان قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ، دۇنيا يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە كېلىشىمنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكىدە ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا بۇ كېلىشىمنى يېڭىلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبىدىن تەشەككۈر ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر