ئىستانبۇلدا بومبا ھۇجۇمى قىلغۇچى تېررورچىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغان كۆرۈنۈشلىرى

ئىستانبۇلنىڭ ئىستىقلال كوچىسىدا بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان تېررورچى مانا مۇنداق قولغا ئېلىندى.

1906111
ئىستانبۇلدا بومبا ھۇجۇمى قىلغۇچى تېررورچىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغان كۆرۈنۈشلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورچى قولغا ئېلىنغان ھەرىكەتنىڭ تۇنجى كۆرۈنۈشلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئىستانبۇل بەيئوغلۇدا 6 كىشى قازا قىلىپ، 81 كىشى يارىلانغان تېرورلۇق ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈشنى باشلىغان ساقچىلار، تېررورچىنى تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئىستىقلال كوچىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن بومبا ئورۇنلاشتۇرغان كىشىنىڭ  نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر