ئۆمەر چەلىك قىبرىس ھەققىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كەلگەن تەنقىدلەرگە رەددىيە بەردى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا پارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى توغرىسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كەلگەن تەنقىدلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

1905746
ئۆمەر چەلىك قىبرىس ھەققىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كەلگەن تەنقىدلەرگە رەددىيە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆمەر چەلىك ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا كۈزەتكۈچى ئەزا بولغانلىقىغا دائىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتى ناھەق ۋە ئىككى يۈزلىمىچى باياناتتۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مەسىلىسىدە گرېتسىيە ۋە قىبرىس رىم تەرەپ ھاكىمىيىتىنى قۇيرىقىغا ئەگەشتۈرۈپ كەلمەكتىدۇر» دېدى.

ئۆمەر چەلىك بۇ بايانلارنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «قىبرىس تۈركلىرى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزاسىدۇر. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا كۈزەتكۈچى ئەزا بولۇشى توغرا ۋە ئىنتايىن تەبىئىي ئەھۋالدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى يوق قاتاردا  كۆرۈشكە ئۇرۇنۇش پوزىتسىيەسى تارىخىي ۋە سىياسىي نۇقتىدىن پرىنسىپسىز پوزىتسىيەدۇر. جۇمھۇر رەئىسىمىز (رەجەپ تەييىپ ئەردوغان) تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يىغىنىدا تەكىتلىگەندەك، بىز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق- ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى ھەممىلا يەردە قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر