ئەردوغانغا «تۈرك دۇنياسى ئالىي ئوردېنى» تەقدىم قىلىندى

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا، تۈرك دۇنياسىغا قىلغان خىزمەتلىرى تۈپەيلى  «تۈرك دۇنياسى ئالىي ئوردېنى» تەقدىم قىلىندى.

1905199
ئەردوغانغا «تۈرك دۇنياسى ئالىي ئوردېنى» تەقدىم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، ئوردېن تەقدىم قىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىگە «تۈرك دۇنياسى ئالىي ئوردېنى» تەقدىم قىلىنغانلىقىدىن ئۆزىنى تولىمۇ شەرەپلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى، تۈرك دۇنياسى بولۇش سۈۈپەتلىرى بىلەن بۈگۈن تۈنۈگۈنكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە بۇ ئوردېننىڭ زىممىسىگە ناھايىتى چوڭ مەسئۇلىيەتنى يۈكلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقلىرىمىز ئارا ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇش، دۆلەتلىرىمىز ئارا مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە تەشكىلاتىمىزنىڭ خەلقئارالىق نوپۇزىنى تېخىمۇ ھەم ئىزچىل كۈچەيتىش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر