ئەردوغان ئۆزبېكىستاندا كۆچەت تىكىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆچەت تىكىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

1905311
ئەردوغان ئۆزبېكىستاندا كۆچەت تىكىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 9 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن سەمەرقەنت شەھىرىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «رەگىستان مەيدانى» دا كۆچەت تىكىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان رەھبەرلەر، كۆچەت تىكىش مۇراسىمىدىن كېيىن، «رەگىستان مەيدانى» دا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر