مىنىستىر دۆنمەز ئالجىرىيەدە

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز تۈركىيە بىلەن ئالجىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1905014
مىنىستىر دۆنمەز ئالجىرىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن تەرىپىدىن پايتەخت ئالجىردىكى مۇرادىيە سارىيىدا قوبۇل قىلىندى.

مىنىستىر دۆنمەز، كېيىنچە ئالجىرىيە ئېنېرگىيە ۋە كان ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد ئەقرەب بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، يېقىنقى يىللاردا تۈركىيە – ئالجىرىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەر ساھەدە بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ مۇناسىۋەتلىرىمىز، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە تېخنولوگىيە ساھەلىرىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئەكس ئەتمەكتە. ھەم ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت تەببۇن ھەم جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. نۆۋەتتە 5 مىليارد دوللار ئەتراپىدىكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى، ئالدىمىزدىكى يىللاردا ھەر ئىككى رەھبەرنىڭ نىشانى بولغان 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشىمىز مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر