ئاتاتۈركنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ 84 – يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ 84 – يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنىڭ مەقبەرەسى جايلاشقان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا رەسمىي ئۆتكۈزۈلدى.

1904523
ئاتاتۈركنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ 84 – يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى

ئەردوغان، ئاتاتۈركنىڭ مەقبەرىسىگە ئاق – قىزىل گۈللەردىن تەشكىل تاپقان گۈلچەمبىرەك قويدى. ئاتاتۈرك بۇنىڭدىن 84 يىل ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتكەن سائەت بولغان 9 دىن 5 مىنىۇت ئۆتكەندە ھۆرمەتتە تۇرۇلدى، ئارقىدىن «ئىستىقلال مارشى» ئوقۇلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ مەخسۇس دەپتىرىگە مۇنداق دەپ يازدى: «ھۆرمەتلىك  ئاتاتۈرك! مىللىتىمىزنىڭ يۈز  يىللىق ئۇلۇغۋار غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانغا قەدەر قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا بېسىپ، بىر ئىزدا توختاپ قالمايمىز، ھۇجۇملار ئالدىدا يىقىلمايمىز، كۈرىشىمىزنى قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشتۇرىمىز.»

 ئاتاتۈرك، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىمۇ ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلەندى. سائەت 9 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، تۈركىيە خەلقى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىر مىنۇۇتلۇق ھۆرمەتتە تۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر