تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ غەلىبە بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ 8-نويابىر غەلىبە بايرىمى تەبرىكلىدى؛ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېلېگرامما تارقىتىپ، ئەزەربەيجاننىڭ ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلغانلىقى تەبرىكلىنىدىغان 8 – نويابىر غەلىبە كۈنىنى تەبرىكلىدى.

1903695
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ غەلىبە بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا «بىز قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىپ، ئىشغال قىلىنغان زېمىنلىرىنى ئازاد قىلغان قېرىنداش ئەزەربەيجاننى  8 -نويابىر غەلىبە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتنىڭ پۈتكۈل رايوندا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە بولغان ئۈمىدنى كۈچەيتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا يەە: «تۈركىيە، ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان جايلارنى قايتا بەرپا قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جەنۇبىي كاۋكاز  مىقياسىدا بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەزەربەيجان بىلەن ئۈزلۈكسىز ھالدا تولۇق ھەمكارلىق ئىچىدە ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر