ئەردوغان توگگنى ھەيدەۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى ئورتاقلاشتى

ئەردوغان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى — توگگنى ھەيدەۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى ئورتاقلاشتى.

1901851
ئەردوغان توگگنى ھەيدەۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى ئورتاقلاشتى
erdogan togg.jpg
erdogan togg.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تۈرلىرىنىڭ بىرى بولغان يەرلىك ئاپتوموبىل — توگگ (TOGG)نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن چىققان تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارى ئاپپاراتى C-SUV نى ھەيدىگەن كۆرۈنۈشلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىدى.

ئەردوغان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ئۇچۇرىدا: «مانا بۇ زاۋۇت، مانا بۇ بىز لېنىيەدىن چۈشۈرگەن تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە، مانا بۇ جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ يېڭى ئەسىرىنىڭ تۇنجى ئۇچقۇنى ... مانا بۇ تۈركىيە ئەسىرى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھەيدىگەن ماشىنىدا ئولتۇرغان توگگ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى مەھمەت گۈرجان قاراقاش ئەردوغانغا ماشىنا ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغانمۇ ئولتۇرغان ماشىنىدا، يول بويى تۈرك كىلاسسىك ناخشا – مۇزىكىلىرى ياڭرىدى.

10-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان توگگ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان توگگ گەملىك زاۋۇتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بۇ ماشىنى ھەيدەپ بېرىپ قاتناشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر