خۇلۇسى ئاقار: «تۈركىيە بايرىقى ئېسىلغان پاراخوتلارنىڭ ئۇكرائىنا پورتىدىن چىقىشىدا مەسىلە يوق»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن ئايرىلغان پاراخوتلار يولىنى داۋاملاشتۇرماقتا. تۈركىيە بايرىقى ئېسىلغان پاراخوتلارنىڭ چىقىشىدا مەسىلە يوق» دېدى.

1900939
خۇلۇسى ئاقار: «تۈركىيە بايرىقى ئېسىلغان پاراخوتلارنىڭ ئۇكرائىنا پورتىدىن چىقىشىدا مەسىلە يوق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇلۇسى ئاقار پايتەخت ئەنقەرەدە ئاشلىق كارىدورى  مەسىلىسىگە ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ 29 – ئۆكتەبىردە سېۋاستوپولدىكى ھۇجۇملار سەۋەبىدىن ئاشلىق يۆتكەش تەشەببۇسىنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىنى ئەسكەرتىپ، «ئەگەر مەسىلە مۇشۇ پىتى قالسا ۋە ئاشلىق توشۇش توختىتىلسا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئېغىر ئاچارچىلىق مەسىلىسى ۋە شۇنىڭغا ئەگىشىپ، باھانىڭ ئۆسۈشى ۋە سىياسىي مۇقىملىقنىڭ ناچارلىشىشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھەممىمىز كۆرۈۋاتىمىز. كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن دەرھال ئاشلىق باھاسىدا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش ۋە خاتىرجەملىك كۆرۈلدى. بىز بۇنىڭ مۇشۇنداق داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

خۇلۇسى ئاقار رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ ۋە ئۇكرائىنا ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئولېكساندېر كۇبراكوۋ بىلەن ئايرىم ئايرىم مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ يەنە مۇنداق دېدى:

«ئۇ يەردىكى پورتلاردىن پەقەت ئاشلىق چىقىشى ۋە كارىدورنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا بىركېلىشىم بار. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئاقساپ قالماسلىقى، ھەرقانداق بىر قېيىنچىلىققا سەۋەب بولماسلىقى ۋە قايتا باشقا قايتىدىغان ئىش بولۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەرەپلەرگە ئەسكەرتتۇق. بۇ يۆنىلىشتىكى ئىلگىرىلەشلەر داۋاملاشماقتا. بىز كېلىشىمنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن سانلىق مەلۇماتلارنى باھالاۋاتىمىز»

مىنىستىر ئاقار رۇسىيە ئاشلىق كارىدورىنى توختاتقاندىن كېيىنكى ئاشلىق قاچىلانغان پاراخوتلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى ئۈستىدىمۇ توختىىپ، «ئۇكرائىنا پورتىدىن ئايرىلغان ۋە دېڭىزدا كېتىۋاتقان پاراخوتلار يوللىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. تۈركىيە بايرىقى ئېسىلغان پاراخوتلارنىڭ ئۇ يەردىن چىقىشىدا مەسىلە يوق، ئۇلار چىقىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر