چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەنىڭ ئەگە ئاراللىرى سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «بىز، بىزنى قىرغاقلىرىمىزغا قاماپ قويدىغان لارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز. گىرېتسىيەنىڭ ھاۋا بوشلۇقى تەۋەلىكى تەشەببۇسىمۇ باشقا بىر ھەيران قالارلىق نۇقتا» دېدى.

1901200
چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەنىڭ ئەگە ئاراللىرى سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيەنىڭ ئەگە دېڭىزى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزغا مۇناسىۋەتلىك تاشقى سىياسىتى» تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنىدىكى سۆزىدە ئەگە دېڭىزىدىكى جىددىيلىك توغرىسىدا توختىلىپ: «جاۋابلىرىمىز گىرېتسىيەنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىۋەتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار بىزنىڭ قانۇنىي دەلىللىرىمىزدىن قاتتىق بىئارام بولدى». دېدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ جاۋابلىرى نەتىجىسىدە ئافىنا تەشۋىقاتلىرىنىڭ يىمىرىلگەنلىكىنى كۆرۈشكە باشلىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىز، بىزنى قىرغاقلىرىمىزغا قاماپ قويدىغان <قىلىۋالدىم>لارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز. گىرېتسىيەنىڭ ھاۋا بوشلۇقى تەۋەلىكى تەشەببۇسىمۇ باشقا بىر ھەيران قالارلىق نۇقتا» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ، گىرېتسىيەنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئۇلار ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلمايۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇھاكىمە يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «ئۇلار تۈركىيەگە قارشى تۇرۇشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ» دېدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، گىرېتسىيەدىكى ئامېرىكا بازىلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئۇلار بۇلارنىڭ رۇسىيەگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىۋاتىدۇ، ئەمما قايىل قىلارلىق ئەمەس. ئامېرىكانىڭ تارازىسى ۋە شىنىسى بۇزۇلدى. بىز بۇلارنىڭ گىرېتسىيەنى ھەل قىلىش چارىسىدىن يىراقلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر