خۇلۇسى ئاقار ئۇكرائىنا مىنىستىرلىرى بىلەن قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورىنى مۇزاكىرىلەشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئۇكرائىنا مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

1900284
خۇلۇسى ئاقار ئۇكرائىنا مىنىستىرلىرى بىلەن قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورىنى مۇزاكىرىلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خۇلۇسى ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ ۋە ئۇكرائىنا ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئولېكساندېر كۇبراكوۋ بىلەن تېلېفوندا ئايرىم ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ئاشلىق توشۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار مۇزاكىرە قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتىدە مىنىستىر ئاقار، ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە تەخمىنەن 10 مىليون توننا ئاشلىق توشۇش ئارقىلىق يەر شارى ئاشلىق كرىزىسىنى ھەل قىلىشقا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى شۇنداقلا بارلىق مەسىلىلەرنى ھەمكارلىق ۋە دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئاشلىق توشۇش تەشەببۇسىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

مىنىستىر ئاقار قارا دېڭىز كارىدورىنىڭ قۇرۇقلۇق يولىغا قارىغاندا ئاشلىق توشۇشقا تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ قۇلايلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «پۈتۈنلەي ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيىتى بولغان ئاشلىق توشۇش تەشەببۇسىنى توقۇنۇش شارائىتىدىن يىراق تۇتۇش كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدا تۈركىيەنىڭ رايوندا تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى مەسىلىسىدە بۈگۈنگە قەدەر ھەر سەۋىيەدە بولغانغا ئوخشاش بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.  

خۇلۇسى ئاقار رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئاشلىق كارىدورىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە ئاشلىق توشۇش تەشەببۇسىنى ۋاقتىنچە توڭلىتىپ قويۇش قارارىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى  بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر