خۇلۇسى ئاقار سېرگېي شويگۇ بىلەن ئاشلىق كارىدورىنى مۇزاكىرىلەشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە ئاشلىق كارىدورىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

1900193
خۇلۇسى ئاقار سېرگېي شويگۇ بىلەن ئاشلىق كارىدورىنى مۇزاكىرىلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خۇلۇسى ئاقار رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

مىنىستىر ئاقار ئاشلىق توشۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار مۇزاكىرە قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتىدە، يەر شارى ئاشلىق كرىزىسىنى ھەل قىلىشقا زور تۆھپە قوشىدىغان شۇنداقلا بارلىق مەسىلىلەرنى ھەمكارلىق ۋە دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئاشلىق توشۇش تىرىىشچانلىقىنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇرۇش شارائىتىدىن ئايرىم تۇتۇش كېرەكلىك بولغان ۋە پۈتۈنلەي ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيىتى بولغان ئاشلىق توشۇش تەشەببۇسىنى توڭلىتىپ قويۇش قارارىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر