ئەردوغان: 2023 - يىلىنىڭ بىرىنچى پەسىلىدە <TOGG> نى يوللىرىمىزدا كۆرۈشنى باشلايمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ، «ئىنشائاللاھ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە نوپۇزلۇق تۈركىيە ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ يوللىرىغا زىننەت بولىدۇ» دېدى.

1899459
ئەردوغان: 2023 - يىلىنىڭ بىرىنچى پەسىلىدە <TOGG> نى يوللىرىمىزدا كۆرۈشنى باشلايمىز
TOGG.jpg
erdogan togg test surusu.jpg
Togg Fabrikası.jpg
erdoğan togg1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى <TOGG> نىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان بۇرسا گەملىكتىكى زاۋۇتى تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن ئېچىلدى.

ئەردوغان ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، <TOGG> نىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە نوپۇزلۇق تۈركىيە ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ يوللىرىغا زىننەت بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش لىنيەسىدىن پۈتۈپ چىقىپ، سىلەرنىڭ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇلغان بۇ تۇنجى ئاپتوموبىل بىلەن 60 يىللىق ئارزۇيىمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا گۇۋاھ بولماقتىمىز» دېدى.

ئەردوغان پۇقرالارنىڭ <TOGG> قا دائىر قىزىققان نۇقتىلىرى بارلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى باتارىيە ۋە توك قاچىلاش پونكىتلىرى ئىكانلىكىنى، شۇڭا بۇ ھەقتە ئىزاھات بەرمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز دۆلىتىمىزدە <TOGG> نىڭ لىتىي ئىئونلۇق باتارىيەسىنى ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى شىركەتلەرنىڭ بىرسى بىلەن كېلىشىم تۈزدۇق. توگ زاۋۇتىنىڭ يېنىدىلا 609 مىڭ كىۋادرات مېترلىق يەرگە سېلىنىدىغان باتارىيە زاۋۇتىنىڭ ئۇلىنى يېقىندا سالىمىز» دېدى.

ئەردوغان توگنىڭ قاچان يوللارغا چىقىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ: «بۈگۈن تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش لىنيەسىدىن پۈتۈپ چىققان ئاپتوموبىللارنىڭ سىناق ۋە گۇۋاھنامە ئېلىش جەريانى دەرھال باشلىنىدۇ، بىز ئىنشائاللاھ 2023 - يىلىنىڭ بىرىنچى پەسىلىدە توگنى يوللىرىمىزدا كۆرۈشنى باشلايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر