سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ۋە تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىغا ئوق چىقىرىپ پاراكەندىچىلىك سالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 13 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1899003
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئەمىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورچىلارنىڭ پاراكەنچىلىك سېلىش قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابسىز قالدۇرۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى  ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە ئامانلىقىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئوق چىقارغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئۈچ تېررورچى، تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر