مالىيە مىنىستىرى نۇرىددىن نەباتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇچرىشىشلىرى ئۈنۈملۈك ئۆتتى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىياد 6 - نۆۋەتلىك كەلگۈسى سېلىنما تەشەببۇسى يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلدى.

1898323
مالىيە مىنىستىرى نۇرىددىن نەباتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇچرىشىشلىرى ئۈنۈملۈك ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىنغا تۈركىيەگە ۋەكالەتەن خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى نۇرىددىن نەباتى قاتناشتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا مىنىستىر ناباتىنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەت ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

نۇرىددىن نەباتى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسدە دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىن كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە سودا ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

نۇرىددىن نەباتى «تۈركىيە ئىقتىسادى ئەندىزىسى» نىڭ يارىتىپ بېرىدىغان پۇرسەتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چۈشەندۈردى ھەمدە ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

نۇرىددىن نەباتى ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەھكەم مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچىنى چۈشەندۇردۇق، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دۆلىتىمىزگە بولغان قىزىقىشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ» دېدى.

مىنىستىر نەباتى يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستان مەبلەغ سېلىش مىنىستىرى خالىد بىن ئابدۇلئەزىز ئەل فالىھ بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتا ئۈنۈملۈك دىيالوگ يوللىرى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدارتاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان مىنىستىرى خالىد بىن ئابدۇلئەزىز ئەل فالىھمۇ نەباتىغا يېڭى ھەمكارلىق ساھەلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق سودا - سانائەتچىلەر تۈركىيەنىڭ تېخنىكا، ئۆي-مۈلۈك ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلىرىگە مەبلەغ سالىدىغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر