ئەردوغان ئەنگلىيە پادىشاھى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگلىيە پادىشاھى 3 – چارلېس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1897699
ئەردوغان ئەنگلىيە پادىشاھى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى 2 – ئېلىزابېتنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنگلىيە پادىشاھى 3 – چارلېسقا تەزىيە تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق ۋە ئىتتىپاقداشلىققا ئاساسلىنىدىغان مۇناسىۋەتلەر، ھەمدە كۆپ ساھەلەردىكى كۈچلۈك ھەمكارلىقنىڭ يېڭى باسقۇچتىمۇ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىى ئىپادىلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر