داتچادا 64 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ داتچا ناھىيەسىدە گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 64 قانۇنسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1897525
داتچادا 64 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، تۈنۈگۈن ئەتىگەن سائەت 9  ئەتراپىدا، مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ داتچا  ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدا بىر گۇرۇپپا كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىنىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 64 قانۇنسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

كۆچمەنلەر، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر