ئاقار ۋېنگىرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ۋېنگىرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىرىستوف سزالاي – بوبروۋنىككى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
1896852
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، تەكلىپىگە بىنائەن پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن ۋېنگىرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىرىستوف سزالاي – بوبروۋنىككىنى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ھەربىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالدى.
ئايرىم كۆرۈشكەن سزالاي – بوبروۋنىككى بىلەن ئاقار، ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارغىمۇ رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەربىي رامكا كېلىشى ئىمزالاندى.