ئەردوغان ئىقتىسادتا يولغا قويغان تەدبىرلىرى بىلەن ئۆسۈم لوبىلىرىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى ئېيتتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىقتىسادتا يولغا قويغان تەدبىرلىرى بىلەن ئەمدىلىكتە ئۆسۈم لوبىلىرىنىڭ بىتچىت بولۇشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇنىڭدىن كېيىن ئۆسۈم نىسبىتىدە بىر خانىلىق سانغا تۆۋەنلەيمىز» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مالاتيادا ئۆتكۈزۈلگەن كەچلىك زىياپەتتە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ھەر ساھە ۋەكىللىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى.
ئەردوغان ئۆسۈم لوبىلىرىغا قارىماستىن، ھەر يىلى تۈركىيە ئىقتىسادىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.5 تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئەمدىلىكتە ئۆسۈم لوبىلىرى بىتچىت بولۇشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن بىز ئۆسۈم نىسبىتىدە بىر خانىلىق سانغا قاراپ تۆۋەنلەيمىز. خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى بانكىلارمۇ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە باشلىدى. تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىن مۇداپىئە سانائىتىگىچە، تاشقى سودىدىن ئىجتىمائىي ياردەمگىچە، ھەممىلا ساھەدە دۆلىتىمىزنى تەڭداشسىز غەلىبىلەرگە، زەپەرلەرگە ۋە رېكورتلارغا ئىگە كەلدۇق» دېدى.
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مائارىپ، سەھىيە، ئەدلىيە، بىخەتەرلىك، قاتناش، دېھقانچىلىق ۋە دىپلوماتىيە قاتارلىق ساھەلەردە بۆسۈپ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئېنېرگىيە قېيىنچىلىقىغا دۇچار بولغان ياۋروپانىڭ ھازىر «بۇ قىشنى قانداق ئۆتكۈزىمىز؟» دېگەن ئەندىشە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ بۇنداق بىرەر ئەندىشىسى يوقلىقىنى ئېيتتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «تۈركىيە جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ دېموكراتىك ئۆزگىرىش ۋە ئىقتىسادىي بۆسۈشنى بىز ئارقىلىق قولغا كەلتۈردى. ئىنشائاللاھ بىز كەلگۈسىدە سىلەر بىلەن بىرگە تېخىمۇ چوڭ بۆسۈشلەرنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى.
ئەردوغان، كەلگۈسى باسقۇچتا تۈركىيەدە بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىق ئاساسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان يېڭى قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، « تۈركىيە ئەسىرىنى بەرپا قىلىش جەريانىدا، ھەم 20 يىللىق دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىمىزگە ئىگە چىقىمىز، ھەم دۆلىتىمىزنى دۇنيانىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك دۆلەتلىرى گۇرۇھىغا كىرگۈزۈش نىشانىمىزدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيمىز» دېدى.