«پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 4 – ئۆكتەبىر كۈنى يارىلانغان پىيادە ئەسكەرلەر مۇتەخەسسىسى سېرژانت جەمىل ياۋاش داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا شېھىت بولدى.
1896010
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدىكى ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى گۈلخانە تەلىم - تەربىيە ۋە تەتقىقات دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان ياۋاش بۈگۈن شېھىت بولدى.
شېھىت، يۇرتى ئىسپارتادا ئۆتكۈزۈلىدىغان دەپنە مۇراسىمى ئارقىلىق ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلىدۇ.