مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش قوماندانىنى تۈركىيەگە كەلتۈردى

مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سىنجار رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ سۇيىقەست ئەترىتىدە ئاتالمىش قوماندان سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جانشەت – لاشەر تەخەللۇسلۇق بۇرھان پىچاقنى تۈركىيەگە كەلتۈردى.

1895859
مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش قوماندانىنى تۈركىيەگە كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورچى پىچاقنىڭ، 2015 – يىلى دىيارباقىر ۋىلايىتىنىڭ لىجە ناھىيەسىدىن سۈرىيەگە ئۆتۈپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى ۋە سۈرىيەدە ي پ گ نىڭ لاگېرلىرىدا تەربيەلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 2019 – يىلى ئىشقا ئاشۇرۇلغان «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش ھەرىكەت ئەترىتىدە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان پىچاقنىڭ، 2019 – 2020 – يىللىرى سۈرىيەنىڭ تەبقا رايونىدا تۇرغانلىقى، 2020 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرى سىررىن رايونىدىكى ئاتالمىش ئاكادېمىيەدە مۇتەخەسسىسلەشكەن سۇيىقەستلىك بويىچە تەربىيەلەنگەنلىكى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن سۇيىقەست ئەترىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى  ئېنىقلاپ چىقىلدى.

پىچاقنىڭ، كېيىنچە ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىگە قاراشلىق سىنجار رايونىدا  ئاتالمىش قوماندان سۈپىتىدە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر