بىر تېررورچى تەسلىم بولدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان بىر تېررورچى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

1894658
بىر تېررورچى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە،  مىنىستىرلىقنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە تەسلىم بولغان تېررورچىنىڭ، 2005 – يىلى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى ۋە ئىراقتا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 103 كە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر