ئوقتاي ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوقتاي ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە مىنىستىرى پەرۋىز شاھبازوۋ بىلەن ئەزەربەيجان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى دىرېكتورى روشەن نەجەفنى قوبۇل قىلدى.

1889615
ئوقتاي ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلغا جايلاشقان «دولماباھچە سارىيى» دىكى خىزمەت ئىشخانىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق لايىھەلەر ۋە يېڭى ھەمكارلىق ساھەلىرى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە سىجىل ئېنېرگىيە ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك پۇرسەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئۇچرىشىشقا، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز ۋە مىنىستىر ياردەمچىسى ئالپئارسلان بايراقتارمۇ  قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر