ئاقار ئۇكرائىنا تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئۇكرائىنا تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرى ئولېكساندىر كۇبراكوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1889587
ئاقار ئۇكرائىنا تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقار بىلەن كۇبراكوۋنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، قارادېڭىزدىن ئاشلىق يۆتكەش مەسىلىسىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

ئاشلىق يۆتكەش خىزمىتىنى تېزلىتىش مەسىلىسىدە قوشۇمچە چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىش توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىستانبۇلدىكى بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر