ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1889826
ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان نۇقتىلاردىن سىرت يەنە، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان،  ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ ھەممە تەرەپكە پايدىلىق شەكىلدە تنىچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى قايتا تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر