ئاقار لوندوندا زىيارەتتە بولماقتا

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بېن ۋاللېسنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا زىيارەتتە بولماقتا.

1889381
ئاقار لوندوندا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بېن ۋاللېس تەرىپىدىن قاراۋۇل مۇراسىمى مەيدانىدا ھەربىي مۇراسىم ئارقىلىق  قارشى ئېلىنغان ئاقار، بۇ يەردە پارات قاراۋۇللىرىغا سالام بەردى.

مۇراسىمدىن كېيىن، ئىككى مىنىستىر ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئايرىم كۆرۈشتى، ئاندىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق مۇداپىئە، بىخەتەرلىك ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر