تۈركىيە تېل ئاۋىۋغا باش ئەلچى تەيىنلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قارارنامە چىقىرىپ، شاكىر ئۆزكان تورۇنلارنى تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

1889348
تۈركىيە تېل ئاۋىۋغا باش ئەلچى تەيىنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاكىر ئۆزكان تورۇنلار 2010 – يىلىدىن 2014 – يىلىغىچە تۈركىيەنىڭ قۇددۇس باش كونسۇلى ۋە پەلەستىن باش ئەلچىسى بولۇپ  ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.

شۇنداق قىلىپ، تۈركىيە ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن تىل ئاۋىۋغا باش ئەلچى تەيىنلىگەن بولدى.

ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش قەدەملىرى دائىرىسىدە ئىسرائىلىيە 19 – سېنتەبىردە ئېرىت لىللىئاننى تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە تەيىنلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر