شەنتوپ ھىندونېزىيەدە

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتاپ بارغان ھىندونېزىيەدە، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پۇئان ماخارانى بىلەن كۆرۈشتى.

1889269
شەنتوپ ھىندونېزىيەدە
sentop-ukrayna meclis baskani.jpg
endonezya maharani-sentop.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، ماخارانى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ھىندونېزىيەدە مائارىپ  ئىشلىرى بىلەن نىقابلىنىپ پائالىيەت  ئېلىپ بېرىۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىق 11 مەكتەپنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنى بۇ مەكتەپلەرنىڭ تۈركىيە مائارىپ فوندىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەشكە چاقىرغان شەنتوپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن بولۇشتىن سىرت يەنە، دىنىي ۋە مەنىۋى ھېس – تۇيغۇلارنى سۇيىئىستېمال قىلىشتا ئۇستىلاشقان بىر جىنايەت گۇرۇھىدۇر.»

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن شەنتوپ، پارلامېنتلار ئارا داۋاملىشىۋاتقان ئۇچۇر – ئالاقىلەرنىڭ، ھەمكارلىقنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، مالاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىدە يۈز بەرگەن قىستاڭچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.

شەنتوپ، ھىندونېزىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئۇكرائىنا مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى ئولېنا كوندراتىئۇكنى قوبۇل قىلغان، ئۇچرىشىشتا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر