چاۋۇشئوغلۇ ئېستونىيە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئېستونىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى ماركو مىخكېلسون ۋە مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئەزالىرىنى قوبۇل قىلدى.

1889227
چاۋۇشئوغلۇ ئېستونىيە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا، پايتەخت ئەنقەرەدە ئېستونىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ كېڭىيىشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستاننىڭ سابىق پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىللىكىگە تەيىنلەنگەن قىرغىزىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋا ۋە چېخىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يان لىپاۋىسكىي قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم – ئايرىم تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ۋاقىپلاندۇرۇش ئۇچۇرىدا، چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئوتۇنبايېۋانى تەبرىكلىگەنلىكى ۋە چېخىيەلىك مەنسەپدىشى بىلەن ياۋروپا سىياسىي ئورتاق گەۋدىسى باشلىقلار يىغىنى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى.

باياناتتا، مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ھامىد كارزاي بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىنىڭ مەزمۇنىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر