ئەردوغان «تۈركىيە ئەسىرى»نى خەلق بىلەن بىرلىكتە بەرپا قىلىمىز، دېدى

جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى)دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلدى.

1888812
ئەردوغان «تۈركىيە ئەسىرى»نى خەلق بىلەن بىرلىكتە بەرپا قىلىمىز، دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەنى يېقىنقى 20 يىلدا بىر ئەسىرلىك خىزمەت ۋە مۇلازىمەتلەرگە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ <تۈركىيە ئەسىرى>نى خەلق بىلەن بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان،  15 - ئىيۇندىن بۇيان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا نۇرغۇن يىغىن، مۇراسىم ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، دۆلەت ۋە خەلقكە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «بىر تەرەپتىن، ئەسەر قالدۇرۇش ۋە خىزمەت قىلىش سىياسىتىمىزنىڭ مەھسۇلى تۈرلەرنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش ھاياجىنىنى خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە باشتىن كەچۈرگەن بولساق، يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى كۈچى ۋە تەسىرىنى كۈچەيتىدىغان ئالاقىلەرنى ئورنىتىشنى داۋاملاشتۇردۇق» دېدى.

«ۋەدە قىلغىنىمىزدەك، بىز چوڭ ۋە قۇدرەتلىك تۈركىيەنىڭ خىشلىرىنى بىر - بىرلەپ قويۇۋاتىمىز، ئۇنى ئىلمەك-ئىلمەك توقۇۋاتىمىز، تەر سىڭدۈرۈپ يۈكسەلتىۋاتىمىز. بىز كۈنىمىزنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىنى، ھەپتىنىڭ، ئاينىڭ، يىلنىڭ ھەر بىر كۈنىنى كۈچلۈك سۆيگۈ، قىزغىنلىق، ئىرادە ۋە قەتئىيلىك بىلەن ئىشلەپ ئۆتكۈزۈۋاتىمىز» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تۈركىيەنى يېقىندا 20 يىلدا بىر ئەسىرلىك خىزمەت ۋە مۇلازىمەتلەرگە ئېرىشتۈرگىنىمىزدەك، ئىنشائاللاھ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ <تۈركىيە ئەسىرى>نى خەلق بىلەن بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقىرىمىز» دېدى.

ئىيۇن ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنىڭ شوئارىنى «تۈركىيە ئەسىرى» دەپ بېكىتكەنلىكلىرىنى، خىزمەتلەرنىمۇ مۇشۇنىڭغا ئاساسەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «ئىنشائاللاھ، 2023 – يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرىدىغان چوڭ تۈرلىرىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ باھاسىغا سۇنىدىغان قاراشلىرىمىز بىلەن پەرقلىق نۇقتىلارغا كېلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مەبلەغ سېلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورت قاتارلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان قەدەملەرنى بىر  - بىرلەپ تاشلاۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «يەر شارى ئىقتىسادىي كىرىزىس تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىمۇ تەۋرىتىپ قويغان بىر پەيتتە، بىز ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇردۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر