سېنتەبىر ئېيىدا ئونلارچە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك غا قارشى سېنتەبىردە ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 145 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1888762
سېنتەبىر ئېيىدا ئونلارچە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىسمائىل چاتاكلى ئايلىق مەتبۇئاتنى ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنىدا، سېنتەبىر ئېيىدا 16 ئايرىم تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك غا قارشى 12سى چوڭ، 30 ى ئوتتۇرا كۆلەملىك بولۇپ جەمئىي 12817 تاغلىق رايون زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاتاكلى، بىرى تىزىملىك سىرتىدىن بولۇپ تۆت نەپىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدە، تۆت نەپىرى ئاپلىسىن كاتېگورسىيەسىدە ئىسمى بار ئاتالمىش رەھبەرلىك ئاپپاراتى بولۇپ جەمئىي 145 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ئەرەن – مۇھاسىرە باھار – ياز زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان 9768 زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 98 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر